Signal شەخسىي بېخەتەرلىكنى مەركەز قىلغان بىر ئۇچۇرلىشىش يۇمشاق دېتالى. ئۇ ھەقسىز ۋە ئىشلىتىش ناھايىتى ئاسان، سىزنىڭ پاراڭلىرىڭىز ۋە ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۈچلۈك، ئاخىرىغىچە شىفىرلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق پۈتۈنلەي مەخپىي ھالەتتە ساقلايدۇ. Signal سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئوقۇيالمايدۇ ياكى تېلېفونلىرىڭىزنى ئاڭلىيالمايدۇ، ھەمدە باشقىلارمۇ ھەم شۇ. 

• MacOS سىستېمىسىدىكى Signal تېلېفونىڭىزدىكى Signal بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ باغلىنىدۇ. 

• ئاخىرىغىچە شىفىرلانغان قىسقا ئۇچۇرلار، ئاۋازلىق ئۇچۇرلار، رەسىملەر، سىنلار، GIF ۋە ھۆججەتلەرنى ھەقسىز يوللايسىز. 

• 1000 ئادەمگىچە بولغان گۇرۇپپا سۆھبەتلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇڭ. باشقۇرغۇچى ئىجازەت تەڭشەكلىرى ئارقىلىق كىملەرنىڭ گۇرۇپپىدا ئۇچۇر يوللىشىنى كونترول قىلىڭ ۋە گۇرۇپپا ئەزالىرىنى باشقۇرۇڭ.

• ئاخىرىغىچە شىفىرلانغان، ناھايىتى ئېنىق ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈش سۈپىتىدىكى ئاۋازلىق ۋە سىنلىق چاقىرىقلار ئارقىلىق دوستلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. گۇرۇپپا چاقىرىقلىرىنى 75 ئادەمگىچە قوللايدۇ.

• Signal سىزنىڭ شەخسي مەخپىيەتلىكىڭىز ئۇچۈن بەرپا قىلىنغان. بىز سىز توغىرلىق ۋە سىزنىڭ كىم توغىرلىق پاراڭلىشىۋاتقىنىڭىزنى بىلمەيمىز. بىزنىڭ ئوچۇق مەنبەلىك Signal كېلىشىمى سەۋەبىدىن، بىز سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرەلمەيمىز ياكى چاقىرىقلىرىڭىزنى ئاڭلىيالمايمىز. ھەمدە باشقا ھەرقانداق بىرى بۇنى قىلالمايدۇ. ئارقا كىرىش ئىشىكى يوق، سانلىق-مەلۇمات توپلاش يوق، مەخپىيەتلىك ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ھېچقانداق مۇرەسسە يوق. 

• 24 سائەتتىن كېيىن يوقاپ كېتىدىغان رەسىم، ئۇچۇر ۋە سىنلىق ھېكايىلەرنى ھەمبەھىرلەڭ. سىز ھەمبەھىرلىگەن ھەربىر ھېكايىنى كىمنىڭ كۆرەلەيدىغانلىقىنى شەخسىي مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى ئارقىلىق ئۆزىڭىز كونترول قىلىسىز.

• Signal مۇستەقىل ھەم پايدا ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغان بىر تەشكىلات تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ؛ شۇڭا ئۇ باشقىچە بىر تەشكىلاتتىن كەلگەن باشقىچە بىر تېخنىكىدۇر. پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىنمىغان تەشكىلات (ئامېرىكىنىڭ 501c3 نۇمۇر ئاستىغا ئەنگە ئالدۇرۇلغان پايدا ئالمايدىغان تىپتىكى تەشكىلات) بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ پائالىيىتىمىز ئېلان بەرگۈچىلەر ياكى مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئىئانىلىرىڭىز ئارقىلىق قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىدۇ. 

• ياردەم لازىم بولسا، سۇئالىڭىز بولسا ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئۇققىڭىز بولسا تۆۋەندىكى تور ئادرېسىنى زىيارەت قىلىڭ: https://support.signal.org/

مەنبە كودىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تور ئادرېسىنى زىيارەت قىلىڭ: https://github.com/signalapp 

بىزگە X دا @signalapp ئارقىلىق، Instagram دا @signal_app ئارقىلىق ئەگىشىڭ
